خىتاينىڭ تەتقىقات ئورنى بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «جۇڭگو تەرەققىيات تەتقىقات فوندى» ناملىق ئورگان دوكلات تەييارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھازىرقى بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.31

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى شيې مىڭ، دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇشۇ بىر -ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتتا بۇ تۈزۈمنى بۇ يىلدىن باشلاپ، بىر قىسىم ئۆلكىلەردە ئىجرا قىلىش، 2015‏-يىلدىن بۇرۇن بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتتا: جۇڭگو بۇ سىياسەت ئۈچۈن ئىنتايىن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي بەدەل تۆلىدى. بۇ سىياسەت ئىجتىمائىي توقۇنۇش، يۇقىرى مەمۇرى خىراجەت سەرپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك جىنسى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلدى، دەپ كۆرسەتكەن. بىراق دوكلاتتا، خەنزۇلارغا ئىككى پەرزەنتلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، بۇنىڭ ھازىر شەھەرلەردە ئىككى پەرزەنتلىك، يېزىلاردا 3 پەرزەنتلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بىراق، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى پەرزەنتلىك سىياسەتكە گۇمانلىق قارايدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق، نوپۇسنىڭ قېرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.