خىتاي ھۆكۈمىتى پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرماقتا
2011.07.26
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-چېسلا كېچىدە شۇ قېتىملىق پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋېنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، دائىرىلەردىن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار، ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئىنسان ھاياتىنى نەزەرگە ئىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. نامايىش جەريانىدا ئۇلار «ئادالەت قېنى، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىمىز دېگىنى قېنى» دەپ شوئار توۋلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىش ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
خىتاي تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخبىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالدىدىكى پويىز توختاپ قالغاندا، ئارقىدىن كېلىۋاتقان پويىزغا ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.
نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ جاۋابكارلىرى ھەققىدە خەلقنى مەلۇماتلاندۇرماسلىقىدەك ئەھۋال خىتايدىكى تور بەتلەردە قاتتىق مۇنازىرە پەيدا قىلىپ، نارازىلىق سادالىرى يۈكسەلمەكتە.