قازاقىستان ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتماقتا
2012.12.27
بۇ ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى چېگرا قوغداش ئىدارىسىگە تەۋە بولۇپ، شۇ كۈنى ئايروپىلان پايتەخىت ئاستانىدىن جەنۇبتىكى شەھەر چىمكەنتكە 20 كىلومېتىر قالغان ئارىلىقتا چۈشۈپ كەتكەن. قازا قىلغانلار ھەممىسى چېگرا مۇداپىئە ساھەسدىكى ئەمەلدارلار بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇنىڭدا قازاقىستان چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى پولكوۋنىڭ تۇرغانبېك ستامبېكوۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
بۇ يىل 6 - ئايدا قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئارقانكەرگەن تاغلىق چېگرا رايونىدا 14 چېگرا ئەسكىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسىتى تېپىلغان ئىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرغانبېك ستامبېكوۋ شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىكەن.
ھازىر قازاقىستان دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تېپىشقا تىرىشماقتا.