قازاقىستان ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرا قاراۋۇلخانىسىنىڭ 12 خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى
2012.05.31
ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان چېگرا مۇداپىئە دائىرىلىرى تارقاتقان رەسمىي ئۇچۇردا، بۇ 12 نەپەر چېگرا مۇھاپىزەتچىسىنىڭ جەسىتىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش بولغان ئارغانكەرگەن، دەپ ئاتىلىدىغان قاراۋۇلخانىدىن تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئارغانكەرگەن چېگرا پونكىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان چېگرىلىنىدىغان ئالاتاۋ ئېغىزىغا يېقىن جايغا جايلاشقان.
ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. ئۇلار دەسلەپتە بۇ جەسەتلەر بايقالغاندا يېنىدا قورال يوقلۇقىنى، قوراللارنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما كېيىنكى خەۋەرلەردە، جەسەتلەرنىڭ يېنىدىكى قورال بىلەن بىرلىكتە بايقالغانلىقى، نۆۋەتتە بۇ قوراللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تەرەپلەر ئارىسىدا ئېتىشىش بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەرلەردىكى ئېنىقسىز نۇقتىلار بۇلا ئەمەس. دائىرىلەر بۇ جەسەتلەرنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ سەۋەبى كۆرسەتمىگەن. بۇندىن سىرت يەنە، قاراۋۇلخانىدا ئادەتتە 15 كىشىنىڭ پوستتا تۇرىدىغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ 12 سى ئۆلگەن بولسا، قالغان 3 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى جاۋابسىز قالغان.
نۆۋەتتە، بۇ ۋەقە تۈرلۈك تەھلىل ۋە پەرەزلەرنى قوزغىماقتا.