قەشقەردە ئىككى بىمار خىتاينىڭ ساختا دورىسىنى يەپ ئۆلگەن

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرلارغا، گۇاڭشى پىڭنەن دورا زاۋۇتى دىئابېت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىگەن دورىنى قوللۇنىشنى توختۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.01.31

'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ شاڭخەيدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى دىئابېت بىمارلىرى گۇاڭشى پىڭنەن دورا زاۋۇتىدا مەخسۇس دىئابېت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن 'تاڭجىژنىڭ' ماركىلىق دورىنى يەپ ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بۇيرۇقنى چىقارغان.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' دە بۈگۈن بايان قىلىنىشىچە، قەشقەردە گۇاڭشى پىڭنەن دورا زاۋۇتى مەخسۇس دىئابېت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىگەن 'تاڭجىژنىڭ' ماركىلىق دورىنى يېگەن ئىككى بىمار 1‏ - ئاينىڭ 17‏ - ۋە 19 ‏ - كۈنلىرى ئۆلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئېنىقلىشىچە، گۇاڭشىدا دىئابېت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن بۇ دورىغا زەھەرلىك خىمىيىۋى بىرىكمە قېتىلغان.

خىتايدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يەنە بىر تور بېتىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر رايونىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئىككى بىمار گۇاڭشىدا مەخسۇس دىئابېت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن بۇ خىل دورىنى يەپ ئۆلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.