قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتىدە ئۆكتىچىلەر نامايىش قىلدى

بۈگۈن قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتىدە ئون مىڭلارچە كىشى نامايىش قىلىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.01

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ئاتا جۇرت پارتىيىسى ۋە پۈتۈن قىرغىزىستان پارتىيىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پارتىيىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوش ۋىلايىتىدە نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن يېڭى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشنى ۋە پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرگە كۆپرەك ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سايلاپ چىقىلىدىغان سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى سايلامنىڭ ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلماي، ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان. مىڭلارچە ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ تەرتىپ ساقلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش تىنچ شەكىلدە ئاياغلاشقان.

ئوش ۋىلايىتى ئىلگىرىكى قىرغىز پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ۋىلايەت باشلىقلىقىنى سۈردۈرۈپ كېلىۋاتقان مېلىس مىرزاكماتوفنىڭ بۇ قېتىملىق سايلاملاردا قانداق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئوشتا مۇقىملىقنى ساقلاپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئەمما مىرزاكماتوف 2010-يىلى ئوشتا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.