ئۇلار باياننامىدە يەنە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلىپ:" دۇنيا مەدەنىيىتگە زور تۆھپە قوشقان بىر مىللەتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن يوقىتىلىشىغا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ" دېدى.
قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ باياننامىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان : "تاتار مىللىي مەجلىسى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئەمدى بىر يەردە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇ تەلەپنى ئالدى بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار بۇددىست ۋە كوممۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ پاجىئەسىدىن ھەممىمىز تارىخ ئالدىدا جاۋابكار!"
قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى ئانا يۇرتلىرى قىرىم بولغان تاتارلارنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىل خاراكتېرلىك ئورگىنى بولۇپ، 1991 - يىلى ئىيۇندا قۇرۇلغان. بۇ ئورگان ئۇكرائىنىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىدە، قىرىم ئاپتونوم ھۆكۈمىتىدە ۋە خەلقئارادا قىرىم تاتارلىرىغا ۋەكىللىك قىلماقتا.