خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئەمگەكچىلەر سانى 240 مىڭغا يەتكەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.21
2009.09.21
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار مەزكۇر كىتابنىڭ "شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش" ناملىق قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابتا بۇلار خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ شەھەر ئاتلاپ ئولتۇراقلىشىش ۋە خىزمەت قىلىشى ئەركىنلىكى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەكچىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە پىلانلىق يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىنمىغان.
2004 - يىلىدىن بۇيان خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە " ئەمەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى"نى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان ۋە ئاساسلىقى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن تەشكىللىگەن ئىشلەمچىلەر قوشۇنىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىگەن ئىدى.
بىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەر ۋە رادىئومىزغا كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئەمگەكچىلەر خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەر خىل دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلگەن. نەتىجىدە مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى"نىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن "ئەمەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
26 - ئىيۇل شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى توقۇنۇشتا خىتايلار ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، نەتىجىدە بۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.