قەشقەردە خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى يېمەك بازىرىدىن، قەشقەرگە كەلگىلى 7 يىل بولغان ، ھازىر مۇشۇ يېڭى بازاردا دۇكان ئېچىۋاتقان فەن فامىلىلىك بىر كىشىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئېيتىپ مىڭباۋ گېزىتىگە بايان قىلىشىچە، بۈگۈن يېمەك بازىرىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا قاتناش چەكلەنگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بازاردىكى دۇكانلار، يايمىلار تاقىلىپ كەتكەن. ئۇ كىشى، ۋەقە چىقتى، لۈكچەكلەردە قورال بار ئىكەن، دېگەن ۋاقىراشلارنى ئاڭلاپ، قولىغا كالتەك ئېلىپ ئەتراپقا قارىغاندا، بىر قولىدا ئېقىۋاتقان قاننى سۈرتۈپ، يەنە بىر قولىدا تېلېفون قىلىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگەن، دۇكان، يايمىلىرىنى تاقىغاچ، ئەمدى يۇرتۇمغا قايتىمەن، دەۋاتقان ئاۋازلارنى ئاڭلىغان. ھازىر ئىچكىرىدىن قەشقەرگە كەلگەن تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرەپ تېلېفون قىلىۋاتقان ئادەم ناھايىتى كۆپ.