بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يېزا مەكتەپلىرىدە 3 يىل ئىشلەيدۇ

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان 17 مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاۋۋال بەلگىلەنگەن مەكتەپلەردە مۇلازىمەت قىلغاندىن كېيىن، رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.31

ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇقتۇرۇشتا، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچى نامى بىلەن بەلگىلەنگەن يېزا مەكتەپلىرىدە 3 يىل مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ رەسمىي شتاتلىق مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 15-ئاۋغۇست كۈنى يىغىن ئېچىپ، قوش تىل مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، قوش تىل مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارىنىڭ ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا ئىزاھات بەرمىگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى «مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش»سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىسە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە زىيالىيلار بۇ قىلمىشنى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.