تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەندۇڭ ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ، 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزا بالىلىرىغا قارىتىلغان قوش تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەمكارلىشىش پىلانىنى ماقۇللىغان.
ئىگىلىنىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە 400 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ بولغان. يېڭىدىن ماقۇللانغان كېلىشىم بويىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۇيغۇر ئېلىگە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ۋە كادىر ئەۋەتكەننىڭ سىرتىدا، 200 گە يېقىن پراكتىكانت ئوقۇغۇچىنى پەسىللەر بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش ۋە ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتى دەپ قارايدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىماي بۇ سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا.