رابىيە قادىر تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشى مۇمكىن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئۇنىڭ تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان، دەپ سەۋەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.30

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق ئەيىبلىشىنى كەسكىن رەت قىلدى ۋە ئەگەر تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئەپۇ سورىمىسا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
تەيۋەندە كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرىدىغان ياشلار تەتشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، "تەيۋەن ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى كېرەك،" دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رابىيە خانىم يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ 'تېز خەۋەر جۇرنىلى'نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلات بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، دەپ جاكارلىغان ۋە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ گەپلىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كېلىۋاتقان گەپلەر، پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى يېقىندا 'ئۈرۈمچى ۋەقەسى' گە قوماندانلىق قىلدى، دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنمىدى، ئەمما تەيۋەن بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ تۇرۇغلۇق، مېنىڭ بۇ ئامېرىكا قوللاۋاتقان تەشكىلاتىمنى پاكىتسىز ئەيىبلىگەنلىكى بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چېن تەيلاڭ تۆنۈگۈنكى باياناتىدا 'بىز رابىيە قادىرنى تېررروچى دەپ ئاتىمىغان ئىدۇق، شۇڭلاشقا ئەپۇ سوراش ھاجەتسىز' دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.