ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 6 دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ياۋرۇپادىكى 6 دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.11.19

ئۇ بۇ زىيارىتى جەريانىدا يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگىمۇ قاتنىشىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" فىلىمى بۇ قېتىم يەنە ئاۋسترىيىدىكى فېستىۋالدىمۇ كۆرسىتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋرۇپادىكى 6 دۆلەتكە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بىر ئاي داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.