رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ قەشقەردە ' 7 تېررورچى گۇرۇھ ' نى پاش قىلغانلىقىغا دائىر باياناتىنى 'تۇترۇقسىز' دەپ ئەيىبلىدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان قەشقەردە 7" تېررورچى گۇرۇھ"نى پاش قىلغانلىقىغا دائىر باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭغا چوڭقۇر گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.06.05

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىندا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جيەننىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى قەشقەردە 7" تېررورچى گۇرۇھ "نى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنى "تېررورچى گۇرۇھلار" دېگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان"قىلچىلىك پاكىت ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ئەيىبلەشكە پۈتۈنلەي گۇمان بىلەن قاراشقا چاقىرىمەن." " بۇ قارىلاشلارنى بۇ تۈرلىك ئۇسۇلدا ئوتترۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ پائالىيىتىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاش ئۈچۈندۇر."

جاڭ جيەن "تېررورچىلار" نى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىت قەشقەردە قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جىددى غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

بۇنىڭ ئالدىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە يېقىنقى 13 يىلدا 591 سىياسى تەشكىلاتنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.