رافتونىڭ مۇكاپات مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمنىڭ ئالدىدا يەنى 3 -نويابىردىن 5-نويابىرغىچە، رافتو مۇكاپات كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلىپ، دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتى ئۇگاندالىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، جىنسىي ئاز سانلىقلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى فرانك مۇگىشاغا بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدۇ.
رابىيە خانىم خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە يەنى 2004-يىلى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇنىڭدىن بېرى رافتو مۇكاپاتىنىڭ ھەر يىللىق مۇكاپات مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىم نورۋېگىيىدىكى يىغىندىن كېيىن، يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىتالىيىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.