ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما رامزاننىڭ باشلىنىشىدا پۈتكۈل مۇسۇلمانلاردىن ھال سورىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنى ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، رامزان باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، رامزان ئېيىنىڭ ئىسلام كالېندارىدا مۇقەددەس ئاي ئىكەنلىكىنى، بۇ ئايدا مۇسۇلمانلارنىڭ يېتىم-يېسىر پېقىرلارغا خەيرى-ساخاۋەت كۆرسىتىدىغان ياخشى پەزىلىتىنى مەدھىيىلەپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا بەخت تىلىدى. ئوباما ئۆز بايانىدا يەنە، رامزان مەزگىلىدە ئاقسارايدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك باياناتىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، رامزان ئېيىدىكى روزا تۇتۇش قاتارلىق پەرزلەرنى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل چەكلىمە ۋە نازارەت ئىچىدە ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز بايانلىرىدا يەنە بۇ يىل رامزاننىڭ ھارپىسىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئېيىدا تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىدا ئېلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رامىزانلىق سالام يوللىدى.