رۇسىيە 160 نەپەر گېنېرال ۋە پولكوۋنىكنى ۋەزىپىسىدىن بوشاتتى

رۇسىيە ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى يېقىندا ھەربىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقان 160 نەپەر گېنېرال ۋە پولكوۋنىكنى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىشنى قارار قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.09.18

رۇسىيىنىڭ «لېنتا.رۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گېنېراللار باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئۇلارنى موسكۋادىن ئايرىلىپ، ھەر قايسى جايلاردا ۋەزىپە ئۆتەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى خالىماي، موسكۋادىن كېتىشنى رەت قىلغان.

مەزكۇر گېنېراللار ۋە پولكوۋنىكلار رۇسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق جايلاردا تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتقانلار بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال سېرگېي سكوكوۋ، رۇسىيە رادىئو-ئېلېكترون قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال مايور ئولېگ ئىۋانوۋ شۇنىڭدەك يەنە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال لېيتىنانت ئاندرېي ترېتياكا قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلار بار ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە ھەربىي ئىسلاھاتنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ھەربىي خادىملارنىڭ سانىنى قىسقارتىپ، مائاشلىق كەسپىي ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىش، ھەربىي رايونلارنى «غەرب»، «شەرق»، «مەركەز» ۋە «جەنۇب» تىن ئىبارەت تۆت ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق نۇقتىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

شۇ سەۋەبتىن موسكۋادىكى مەركىزىي ھەربىي ئورگانلاردىكى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ھەر قايسى جايلاردىكى قوماندانلىق ئورۇنلىرىغا يۆتكەش قارار قىلىنغان ئىدى.
بۇ رۇسىيىنىڭ يېقىنقى ھەربىي تارىخىدىكى بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىشتىن بوشىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.