ئۆزىنى پارتلىتىش ئارقىلىق ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلىغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى ساقچى فورمىسى كىيگەن بولۇپ، ئۇلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ بىر ساقچى پونكىتىدا توسۇلۇپ قالغاندا پارتلاتقۇچنىڭ يىپىنى تارتقان. نەق مەيداندا 9 ساقچى ئۆلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، موسكۋا شەھىرى 31 - مارت كۈنى قايتىدىن جىددىيلەشكەن. 29 - كۈنى يەر ئاستى پويىزىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەندە، موسكۋا دائىرىلىرى بۇ پارتىلاشنى ئىسلامچىلار قىلدى، دەپ جاكارلىغان ئىدى.
بۈگۈن رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادېمىر پۇتىن 'بۇ، قايسى جايدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ياكى قايسى دىنىي ئېتىقادتىكى ئادەمنىڭ پارتلىتىش ئېلىپ بارغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇ، پۈتۈن رۇسلارغا قارىتىلغان جىنايەت' دېگەن.