ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى مەكتىپى كېڭەيتىلدى

خىتاينىڭ ياشىن تور بېكىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى مەكتىپى 2012-يىلى كۈز پەسلىدە تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسى بويىچە 4 سىنىپ قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە يەنە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى ساقچى مەكتىپىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىنى تەستىقلىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە ساقچىخانىلارنى كۆپەيتكەن. 2009-يىلدىن كېيىن رايوندا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى كۆپەيتىلىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە زەربە بېرىش نامىدا 5000 كىشىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىمۇ تەشكىللەنگەن. رادىئومىز يېقىندا يەكەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيىسىدىكى جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 2000 نەپەر ساقچى كۆپەيتىلگەن.

ئەسلىدىكى تېخنىكوم دەرىجىلىك ساقچى مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار كۆپەيتىلىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس سىنىپى تەسىس قىلىنغان ئالىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىشى دىققەتنى تارتتى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۆپەيتىلىۋاتقان ھەر خىل ناملاردىكى ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.