شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مانېۋىرلىرى «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كەلگۈسىدە ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-04-27
Share

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي باشلىقلىرى دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ شاڭخەيدە ئۇچراشقان ئىدى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ ياڭشېڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەرب بېرىشتە «پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان» لىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا، خىتاي يولغا قويغان «ئۈچ خىل كۈچكە» زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت