مانېۋىرنىڭ نېمە ئۈچۈن قەشقەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە شۇنداقلا مانېۋىرنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يېپىلغان كۈنگە توغرا كېلىپ قېلىشىنىڭ قەستەنلىك ۋە ياكى بىر تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، «مانېۋىر مەقسىتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش سەۋىيىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش» دېيىلگەن.
مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى «ئادەم قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «نۇقتىلىق تازىلاش» تىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەرلەردە «تەڭرىتاغ 2011» ناملىق مەزكۇر مانېۋىرغا ئەزا دۆلەتلەردىن قانچىلىك ئادەم قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
مەزكۇر مانېۋىر تۈنۈگۈن «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى شارون خۇم، خىتاينىڭ «تېررورىزم» چۈشەنچىسى ب د ت نىڭ «تېررورىزم» تەدبىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «تېررورىزم» تەدبىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندىچىلىككە ئۇچۇرۇتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
قەشقەردىكى مانېۋىر باشلىنىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىشقا ماڭغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى ئايرودرومدا توسۇۋالغان ئىدى.
قازاقلار بىلەن قىرغىزلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.