شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش مىنىستىرلار يىغىنى ئېچىلدى
2012.12.06
رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن رىياسەتچىلىكىنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى جانتۆرە ساتىبالدىيېف ئاتقۇردى. 5 - دېكابىر پەقەت بىر كۈن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن قازاقىستان باش مىنىستىرى سېرىك ئەخمەتوف سۆز قىلغاندىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىش، يەرلىك بانكىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىش شۇنىڭدەك تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، يىغىندا ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى ئۆزلىرى دىققەت قىلغان ۋە ياكى ئۆز دۆلەتلىرى ئېھتىياج ھېس قىلغان نۇقتىدىن پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ پىكىر بايان قىلغان ھەمدە خەۋپسىزلىكنى قوغداشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2013 - يىللىق خامچوتىنى ئىمزالىدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە تەرەققىيات فوندى بىلەن تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇش ھەققىدىكى قارارغا ئىمزا قويدى.