شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «تىنچلىق بۇرچى 2012‏» ناملىق مانېۋىرى تاجىكىستاندا باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەزمۇن قىلغان تىنچلىق بۇرچى ‏2012 ناملىق ھەربىي مانېۋىرى 8‏-ماي تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى چورخۇدايرون ھەربىي مەشىق مەيدانىدا باشلاندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.08

مانېۋىر خوجەنت شەھىرى، سوغدى ئوبلاستىنىڭ بايان تاغلىق رايونى ۋە تاغلىق بەدەخشان قاتارلىق رايونلاردىكى تاغ جىلغىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مانېۋىرغا مەزكۇر ئورگانغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ئارمىيە، توپچى ۋە برونېۋىك قىسىملىرى قاتناشقان. خىتاي مگ-17 بەلگىلىك 6 تىك ئۇچار، ئالتە زەمبىرەك ۋە 22 ھەربىي ئاپتوموبىلدىن تەشكىل تاپقان 369 كىشىلىك بىر ھەربىي قىسىمنى قىرغىزىستان ئارقىلىق تاجىكىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ خىل مانېۋىر ئارقىلىق غەرب قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق بىر قوراللىق تەھدىتكە قارشى تەييارلىق قىلىشتۇر. رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر 14‏-مايغا قەدەر مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش تېررورلۇققا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.

مەزكۇر مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇرناكۈنكى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن باشلانغان. گەرچە يىغىن جەريانىدا خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر مەزكۇر ئورگاننىڭ بارغانسېرى غەرب بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.