خەۋەردە بىلدۈرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن بىنادا رېمونت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەقە رەسمىي كېنىشكىسى بولمىغان سۇۋاركىچىلارنىڭ تېخنىكىۋىي خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان.
دائىرىلەر ساقچىلارنىڭ مەزكۇر رېمونتچىلىق شىركىتىنىڭ 4 نەپەر خادىمىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ شىركەتنىڭ ئىشچىلىرى ياكى خوجايىنلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن.
رويتىرىس مۇخبىرى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ئاھالىلەر ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇش جەريانىدا يېتەرلىك دەرىجىدە پىداكارلىق كۆرسىتەلمىگەنلىكى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئاجىزلىق قىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتايدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ تۈرلۈك ئاپەتلەرگە تاقابىلچانلىقى جەھەتتە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارغا نىسبەتەن ئارقىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بۈگۈن بۇ ئاپەت ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، ئوت ئاپىتى خەۋپىنىڭ خىتايدا يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىىن كېيىن بۇ تۈر ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.