شاياردا ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار شايار ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئويۇنچۇقخانىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، ئويۇنچۇقخانىدىكى خىتايلارنىڭ بىر ئۇيغۇر بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان شۇنداقلا 8 گە يېقىن نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-01-30
Share

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان بىر تور بېكىتى ۋەقە توغرىسىدا مۇنداق خەۋەر بەردى": شايار چوڭ بازاردىكى بىر ئويۇنچۇقخانىدا بىر ئۇيغۇر ياش ئويۇنچۇق ئويناۋېتىپ شۇ ئويۇنچۇقخانىدا ئىشلەيدىغان بىر خىتاينىڭ پۇتىغا دەسسىۋالغان ھەم ئۇ خىتايدىن ئەپۇ سورىغان. بىراق بۇ خىتاي بولدى قىلماي ئۇ بالىنى تۇتۇۋېلىپ بىر قانچىنى ئۇرغان. ئويۇنچۇقخانىدىكى باشقا كىشىلەر نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، ئويۇنچۇقخانىدا ئىشلەيدىغان 20 گە يېقىن خىتاي قولىغا پىچاق، كالتەك كۆتۈرۈپ، ئويۇنچۇقخانىدىكى ئادەملەرنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ ئىشىكنى تاقىۋالغان. ھېلىقى ئۇيغۇر بالىنىڭ ئويۇنچۇقخانىدا قېپقالغان ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچالماي ج خ ئورگانىغا خەۋەر قىلغان. لېكىن ساقچىلار كېلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى.... ئويۇنچۇقخانىدىكى خىتايلار ھېلىقى بالىنى 2 ‏ - قەۋەت دېرىزىدىن پەسكە تاشلىۋەتكەن. بۇ بالا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا ئۆلگەن."

خەۋەردە يەنە، ساقچىلار كېلىپ نەق مەيداننى كۆرگەنلىكى، بىر قانچە ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، لېكىن ئويۇنچۇقخانىدىكى خىتايلارنى تەكشۈرمەي ئۇلارنى قوغدىغانلىقىنى، 8 گە يېقىن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت