تۇتقۇن شەمشىدىن قارىنىڭ ئاقىۋىتى شىخەنزە كونا بازاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا

شىخەنزە كونا بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ياش دىنىي زات شەمشىدىن قارى، 3 ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئائىلىسىگە ياكى مەسچىت جامائىتىگە ھازىرغىچە ئۇچۇرى بېرىلمىگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.07.30

مەلۇم بولۇشىچە، شەمشىدىن قارى كونا بازاردا قاسساپلىق قىلىۋاتقان كۈنلىرىدە بىر خىتاي ئاققۇن بىلەن گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ قالغان ۋە خىتاي ئاققۇننى بىر تەستەك ئۇرغان. ۋەقەدىن 3 ئاي ئۆتكەندە شەمشىدىن قارى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شەمشىدىننىڭ دوستلىرى دەسلەپتە، ئۇنى سۈرۈشتە قىلىپ ساقچىخانىغا بارغىنىدا، ساقچىلاردىن بىرى شەمشىدىننى مەزكۇر خىتاي ئاققۇننىڭ ئەرز-شىكايىتىگە ئاساسەن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر ساقچى بولسا، شەمشىدىننىڭ يەرئاستى دىنىي مەكتەپ ئاچقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شەمشىدىن قارىنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىملاپ ساقچىخانىغا بارغان بولسىمۇ، شەمشىدىن قارىنىڭ نەدىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە شىخەنزە كونا بازاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى شەمشىدىن قارىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە ساقچىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇمات بەرمىسە، جامائەت ئىمزا توپلاپ شەمشىدىن قارىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى ئويلاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.