شىمالىي كورىيە ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا سىناق قىلغان

جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز رايونىدا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ باشقۇرىلىدىغان بومبىلار 2 - ئىيۇل سەھەردە ئېتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق تىپتىكى بومبا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.07.02

شىمالىي كورىيە 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يەر ئاستى يادرو بومبسى سىنىقى ئېلىپ بېرىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە شەرقىي دېڭىز رايونىنى چەكلەنگەن رايون دەپ ئېلان قىلىشى يەنە بىر سىناقنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى گۇمانىنى پەيدا قىلغان. شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ سىناقلىرى رايوندىكى دۆلەتلەردە جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىناق پىلانلىرىنى توختىتىشىدا خىتاينى ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ، دەپ قارىماقتا.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن بىر ھەيئەت خىتايغا بېرىپ، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ھەيئەت باشلىقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئەرباپلىرىدىن فىلىپ گولدبېرگ خىتاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە جازا يۈرگۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى دېدى.

لوس ئانژېلس ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يازىدى: خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ئەڭ چوڭ تىجارەت ئورتاقلىرىدىن بىرى. خىتاي گەرچە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سناقلىرىغا قارشى بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىمۇ خالىمايدۇ. خىتاي، شىمالىي كورىيىگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئىقتسىادىي مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي كېسىدىغانلىقى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.