شىمالىي كورىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئەگەر ئامېرىكا ياكى جەنۇبى كورىيە باستۇرۇپ كىرسە يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-04-24
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت ئاخباراتىدىن نەقىل كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى شىمالى كورىيە دۆلەت ئارمىيىسى شتاب باشلىقى گېنېرال رى يوڭ -خو شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئەگەر ئامېرىكا جاھانگىرلىرى ۋە جەنۇبىي كورىيە قورچاق ھۆكۈمىتى ئۇرۇش خۇمارلىرى مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمان، يەر ۋە دېڭىزلىرىغا قىلچىلىك يېقىنلىشىدىكەن، شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ."

ئۇ يەنە كورىيە يېرىم ئارىلىدا قورقۇنچلۇق ھالەتنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان. يېقىندا جەنۇبى كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ 46 ھەربىي خادىم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. گېنېرال رى يوڭ -خونىڭ بۇ سۆزلىرى، مەزكۇر ھەربىي پاراخوت مەسىلىسى تۈپەيلى ئىككى كورىيە مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت