فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت ئاخباراتىدىن نەقىل كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى شىمالى كورىيە دۆلەت ئارمىيىسى شتاب باشلىقى گېنېرال رى يوڭ -خو شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئەگەر ئامېرىكا جاھانگىرلىرى ۋە جەنۇبىي كورىيە قورچاق ھۆكۈمىتى ئۇرۇش خۇمارلىرى مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمان، يەر ۋە دېڭىزلىرىغا قىلچىلىك يېقىنلىشىدىكەن، شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ."
ئۇ يەنە كورىيە يېرىم ئارىلىدا قورقۇنچلۇق ھالەتنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان. يېقىندا جەنۇبى كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ 46 ھەربىي خادىم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. گېنېرال رى يوڭ -خونىڭ بۇ سۆزلىرى، مەزكۇر ھەربىي پاراخوت مەسىلىسى تۈپەيلى ئىككى كورىيە مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.