ئوباما ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش قارارىنى يېڭىلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن، شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى، شىمالىي كورىيە بايرىقى ئېسىلغان ھەر قانداق پاراخوت بىلەن تىجارەت قىلماسلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ، ئوبامانىڭ سابىق پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش قارارىنى يېڭىلىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنىلا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا قارىتىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئوباما ھۆكۈمىتىنى، شىمالىي كورىيىگە دائىر يادرو قورال مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى يېتەرلىك بولمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.