شىمالىي كورىيە ئامېرىكىنى تەھدىت قىلدى

شىمالىي كورىيىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بۈگۈن شىمالىي كورىيە مۇداپىئە دائىرىلىرىنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.24

خەۋەردە بۇ سىناقنىڭ باش دۈشمەن ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە «ئامېرىكىغا قارشى كۈرەشنى ئاغزىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى قورال ئارقىلىق قىلىشىمىز شەرت» دېيىلگەن.

بۈگۈن، ئاقساراي بايانات بېرىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ تەھدىتىگە «ئورۇنسىز ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. شىمالىي كورىيىنى، بۇنداق بىر سىناقنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن تەقدىردە، بۇنىڭ ب د ت نىڭ ئالاقىدار قانۇن-ماددىلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىق دەپ قارىلىدىغانلىقى، جازا تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

شىمالىي كورىيە مۇداپىئە دائىرىلىرى بۇ سىناقنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىغان. شىمالىي كورىيە دەسلەپكى ئىككى نۆۋەتلىك يادرو سىنىقىنى 2006-ۋە 2009-يىللىرى ئېلىپ بارغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئامېرىكىنى تەھدىت قىلغۇدەك ئۇچۇش مۇساپىسىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما ئۆتكەن 12-ئايدا قىلغان سىناقتا شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مۇساپىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. شىمالىي كورىيە بولسا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.