تۈنۈگۈن، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى سىياسىي ئىدىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرغان.
بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ كۇرستا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلغان خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ۋە پارتكوم سىياسىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى دەرس بېرىدىكەن.
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بۇ كۇرستا ئاساسلىق پارتىيىنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاھىدە ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئۆگىنىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مەزكۇر كۇرسنى ئەيىبلەپ، خىتاي دائىرىلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر-ياشلىرى ئۈستىدىن «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۇرس 2008-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى كۇرسنىڭ 11-نۆۋەتلىكى ئىكەن. ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 27 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى تەشكىل قىلىدۇ.