شېنجىندا بىر تانسىخانىغا ئوت كېتىپ، 43 ئادەم ئۆلدى

شەنبە كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىي سودا - ئىقتىساد شەھىرى شېنجىندىكى بىر تانسىخانىغا ئوت كېتىپ 43 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.09.21

 خىتاي خەۋەر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوت ئاپىتى سەھنىدە ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئارتىست قولىدىكى ئېلېكترونلۇق ئوت قورالىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن نىشانغا ئاتقاندا، ئېلېكترونلۇق ئوت مىلتىقىدىن چىققان ئوق ئېلېكتىر سىمىغا تېگىپ كېتىش نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان ئىكەن.

ئېلېكتىرنىڭ ئۆچۈپ كېتىشى بىلەن زال ئىچىنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، قورقۇپ كەتكەن ئادەملەر تەرەپ - تەرەپكە قاچقان ھەمدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان. تانسىخانا ئىشىكى كىچىك بولغاچقا كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ قېچىپ چىقىپ كېتىشىگە ئامال بولمىغان. كېچە سائەت 11 دە باشلانغان ئوت ئەتىسى تاڭ سەھەرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 43 ئادەمنىڭ كۆيۈپ كەتكەن جەسىتى تېپىلغان ۋە 88 ئادەم كۆيۈپ يارىلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر تانسىخانا مۇلازىمەت تاختىسى ئاسمىغان، مەخپىي تۈس ئالغان ئورۇن ئىكەن. شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە 12 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرىغان.

بۇنداق ئېغىر ئوت كېتىش ۋەقەسى بۇنىڭدىن ئون نەچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ يۈز بەرگەن. 1993 - يىلى، قاراماي شەھىرىدىكى مەدەنىيەت كۇلۇبىغا ئوت كېتىپ، 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشدەك پاجىئە كېلىپ چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.