خىتاي شىۋىتسارىيىنىڭ گۇئانتانامودىكى 2 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شىۋىتسارىيىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 2 نەپىرىنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-01-07
Share

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىۋىتسارىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى چارشەنبە كۈنى شىۋىتسارىيە دائىرىلىرىغا خەت يېزىپ، " بىز تېررورىستلارنىڭ مىللەت تەركىبى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن ئاساستا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلەيمىز. بىز بۇ ۋەقەنىڭ شۋېتسارىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىنى خالىمايمىز" دېگەن ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ مەيدانىغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىرغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئەمما شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ھەققىدە تېخى رەسمىي قارار چىقارمىغانلىقىنى ئېيتقان.

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماي، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماي باشقا بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلماقتا.

ھازىرغىچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 5 نەپىرى ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى بېرمۇداغا، 6 نەپىرى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، گۇئانتانامودا يەنە 7 نەپەر ئۇيغۇر 3 - دۆلەتكە ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت