خىتاي سىرىلانكا كرىزىسىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتىدۇ

'ھىندىستان تايمىس' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چىدامبارام 'خىتاي ھازىر سىرىلانكا كرىزىسىدىن پايدىلانماقچى بولىۋاتىدۇ،' دەپ كۆرسەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.25

مەركىزى ئاگېنتلىقى' نىڭ يېڭى دېھلىدىن بايان قىلىشىچە، ھىندىىستان ھازىر سىرىلانكا كرىزىسىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنى ئالدى بىلەن ئاھالىلار رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرىۋاتقاندا، خىتاي سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنى 'ئازادلىق يولۋىسى تامىل ئەلەم' چىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرغان.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ئورنىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىر لەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىرىلانكا مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ سىرىلانكا مەسىلىسىدىكى پىلانى ناھايىتى ئېنىق. خىتاي سىرىلانكىنى ئۆزىنىڭ ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان يولىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ، سىرىلانكا بىلەن ستراتېگىيىلىك دوستلۇق ئورناتماقچى.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.