خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشتا خىتاي - سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، رايوندا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش، جەنۇبىي سۇدان بىلەن شىمالىي سۇداننىڭ تىنچلىقى، دارفۇر مەسىلىسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۇدان پرېزىدېنتى ئومار ئەل بەشىر دارفۇردىكى ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ باش قوماندانى دەپ قارىلىۋاتقان كىشى بولۇپ، ئۇ خەلقئارا سوت تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىدىن بىرى بولغان خىتاينىڭ سۇدان پرېزىدېنتىنى رەسمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دەرھال ئىنكاس پەيدا قىلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم گاردىيان گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئافرىقا خەلقىنىڭ دوستى دەيدىكەن، ئۇ ھالدا خەلققە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بىر كىشىنى قارشى ئالماسلىقى كېرەك، دېگەن.
ئىلگىرى ب د ت نىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا دارفۇردىكى خەلقنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن قوراللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما خىتاي ئىزچىل بۇنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.