سۈرىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جىھاد ماقدىسسى سۈرىيىدىن غايىب بولدى

سۈرىيىنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى قاتارىدىكى، تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جىھاد ماقدىسسىنىڭ بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى ئاخبارات سەھنىلىرىدە كۆرۈنمەسلىكى، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي مەيدانى ۋە تۇرۇۋاتقان ئورنى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەز ۋە گۇمانلارنى پەيدا قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.04

سۈرىيىدىكى ئىسيانچىلار ئۇنىڭ، ئەساد ھاكىمىيىتىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى مەنبەلەر، ئۇنىڭ بايانات بەرگەندە ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن سىزىقتىن چەتنەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. لىۋاننىڭ ئەلمانار تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىھاد ماقدىسسى يېقىندا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيىدىن ئايرىلىپ، ئاۋۋال بۇيرۇتقا كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن لوندونغا سەپەر قىلغان.

نۆۋەتتە بەزى مەنبەلەر، ماقدىسسىنىڭ سىياسىي مەيدان جەھەتتە ئىسيانچىلار تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۇ ھەقتە، تۈركىيىنىڭ دۇنيا بۇلتەنى گېزىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئىسيانچىلار سېپىنىڭ بىر باشلىقى، ماقدىسسىنىڭ بۇرۇن قىلغان سۆزلىرى سەۋەبلىك، ئۇ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن تەقدىردىمۇ، خەلقنى تەسىرلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ماقدىسسى بايانات بېرىش جەريانىدا «بىز خىمىيىۋى قوراللىرىمىزنى ئۆز خەلقىمىزگە قارىتا ئىشلەتمەيمىز» دېيىش ئارقىلىق، سۈرىيىنىڭ خىمىيىۋى قوراللارغا ساھىب ئىكەنلىكىنى رەسمىي شەكىلدە ئاشكارىلاپ قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.