سۈرىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 5 دۆلەتنى تېررورلۇقنى قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى
2012.10.01
مۇئەللىم سۆزىدە، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيىدىكى ئاتالمىش تېررورچىلارغا قورال ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق سۈرىيىدىكى بەشار ئەساد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭدىن ئاۋۋال ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى زوراۋانلىقتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز خەلقىگە رەھىمسىزلىك قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.
سۈرىيە خەلقى ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ بەشار ئەساد ھۆكۈمىتىنى تەختتىن چۈشۈشكە چاقىرغان. بەشار ئەساد بولسا، خەلقنىڭ بۇ دېموكراتىك تەلىپىگە قورال ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە ئۆزىگە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى تېررورلۇق بىلەن، ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللىغانلارنى تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.