بۇ نېفىت زاپىسىنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركىتى - جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال تارمىقى بايقىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نېفىتلىكنى ئېچىش 2015 - يىلى باشلىنىدىغان بولۇپ، يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.
تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز زاپىسىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى شەھەرلەرنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى" تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىدۇ.
خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە،، "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى"دىن كۈنىگە توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى 190 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدىكەن.
مەزكۇر نېفىتلىكتىن 2009 - يىلى 6 مىليون 600 مىڭ توننا خام نېفىت ۋە 1 مىليارد 345 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇپ كېتىلگەن.