تايلاندتىكى ئۆكتىچى-قىزىل مايكىلىقلار يەنە نامايىش قىلدى

ئۇزۇندىن بۇيان ئۆكتىچىلىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تايلاندتىكى قىزىل مايكىلىقلار يەكشەنبە كۈنى بانكوك شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى قولغا ئېلىنغان قىزى مايكىلىقلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەخمىنەن 27 مىڭ ئادەم تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش قىلىپ، شەھەرنىڭ سودا كوچىلىرىنى ئايلانغان.

ئۆتكەن يىلى، ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا قىزىل مايكىلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئاخىرىدا توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا ھەر خىل قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئوق چىقىرىش كېلىپ چىققان ئىدى. توقۇنۇش نەتىجىسىدە 90 ئادەم ئۆلگەن.

ئۆتكەن يىلىدىكى نامايىشچىلار باش مىنىستىر ئابخىست ۋېججاجىۋانى ھوقۇقتىن چۈشۈشكە چاقىرغان، نامايىش باستۇرۇلۇپ، نامايىشچىلارنىڭ رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن ئىدى. قىزىل مايكىلىقلار يانۋارنىڭ باشلىرىدا يەنە نامايىش قىلغان بولۇپ، ئادەم سانى 30 مىڭغا يەتكەن ئىدى.