تەيۋەن 300 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىماقچى

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ "دەھشەتلىك بوران" 2E تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن يەنە 300 دانە ياساش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، تەيۋەندىن چىقىدىغان "تەيبېي ۋاقىت گېزىتى"دە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار يۇقىرىقىلارنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شيۇڭفېڭ 2E تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 600 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى رايونلىرىغا جايلاشقان ئايرودروملارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان شيۇڭفېڭ يەنى "دەھشەتلىك بوران" 2E تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى، تەيۋەن ھەربىيلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭسەن پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ، خىتاي تەرەپ تەيۋەن بىلەن ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ۋەكىل ئەۋەتىشكە قوشۇلغان پەيتلەرگە توغرا كەلگەنلىكى سىياسىي كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تاراتماقتا.