تەيۋەندە خىتاي ئەلچىسىنىڭ زىيارىتىگە قارشى چوڭ نامايىش يۈز بەردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تەيۋەننىڭ تەيجوڭ شەھىرىدە ئونمىڭلىغان ئادەم كۇچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ئەلچىسى چېنيوڭلىننىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى
2009-12-20
Share

تەيۋەن خەلقى بۇ نامايىشتا يەنە، خىتاينىڭ تەسىرىنى تەيۋەنگە باشلاپ كېرىۋاتقان پرېزىدېنت مايىڭجۇنى ئەيىپلىدى.

تەيۋەندە بۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ خىتايغا قارشى نامايىش، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بۈگۈن، خىتاينىڭ ماكاۋنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ماكاۋغا كەلگەن؛ خىتاينىڭ مۇئاۋېن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا، خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ھەربى مۇناسىۋىتى ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن جازا قوللۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بېرمىنى ۋە خەلقئارا جىددىي ئەيىپلەۋاتقان كامبودىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقىتقا توغرى كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت