خىتاي دائىرىلىرى تىز پويىز ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى
2011.07.30
ۋەقە 23-ئىيۇل يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلىرى ۋەقەدە ئاران 18 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بىر نەچچە پويىز ۋاگوننىڭ كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، يارىلانغان ئادەم سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ھالبۇكى ئۆتكەن ھەپتىدىن خىتاي ئىنتېرنېت ساھەسىدە بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر كۈچەيگەن ۋە ھەتتا بېزىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن پويىز ۋاگونىنى كۆمۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ھادىسىدە بۇزۇلغان پويىز ۋاگونلىرىنىڭ كۆمۈۋېتىلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرنى رەت قىلدى.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىكى بىر نامەلۇم خادىم«ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ۋاگون كۆمۈش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇزۇۋېتىشكە ئوخشاش ئىشلارنىڭ سادىر بولمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تىز سۈرەتلىك پويىز ۋەقەسى خىتاي تىز سۈرەتلىك پويىز تېخنىكىسىدا «ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن» لىكىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.
نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ ۋەقەدە قازاغا ئۇچۇرغۇچىلارغا تۆلەم پۇلىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.