تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا خىتاي دائىرىلىرى نۇرغۇن ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان
2011.06.04
باش شتابى خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى تارقاتقان بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ ھەپتە جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى باۋتوڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېتىلگەن.
ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «تيەنئەنمېن ئانىلىرى» جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىڭ زىلىن ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
4-ئىيۇل كېلىشتىن ئىلگىرى تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەينى چاغدا بىر قىسىم ئاكتىپ روللارنى ئوينىغان پائالىيەتچىلەرمۇ بار ئىكەن.
1989-يىلى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، نامايىش قىلغان. مەزكۇر نامايىش شۇ يىلى 4-ئىيۇن خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا كەلگۈچە مەزكۇر باستۇرۇش جەريانىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلگەندىن سىرت، بۇنىڭدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە.