رۇسىيە، خىتاي، برازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت 5 دۆلەت باشلىقى قاتناشقان بۇ يىغىن تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.
دۈشەنبە كۈنى 27 ياشلىق بىر تىبەت ياش يېڭى دېھلى كوچىلىرىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئار توۋلىغان ئىدى. ئېغىر يارىلانغان بۇ ياش دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆيۈك يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي چارشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ياش ئۆزىگە ئوت قويۇشتىن ئىلگىرى بىر پارچە خەت تەييارلاپ قويغان. خەتتە ئۇ ئۆزىنى ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلگەن 29-تىبەت دەپ يازغان ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تىبەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن 80 مىڭ ئەتراپىدا تىبەتلىككە باش پاناھلىق قىلىۋاتقان قىلىۋاتقان ھىندىستاننىڭ ساقچى دائىرىلىرى خىتاي رەھبەر خۇ جىنتاۋنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەننىڭ سىرتىدا، بىرقانچە يۈز تىبەتلىكنى قولغا ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار خۇ جىنتاۋ ھىندىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇپ بېرىلىدىكەن.