سۈرگۈندىكى تىبەت رەھبىرى خىتاينىڭ بىر تۈركۈم تىبەتلەرنى سوتلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى
2013.02.01
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈەن، گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە 8 تىبەتلىكنى سوتلاپ، «باشقىلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن. سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى 8 كىشىنىڭ بىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، قالغانلىرىنى ئوخشىمىغان قاماق جازالىرىغا بۇيرۇغان.
لوبساڭ سانگاينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىيسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھېچقانداق ئاساسى ۋە قانۇنىي تەرتىپى بولمىغان» ساختا سوت قىلىش يولىنى تۇتۇشى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەن.
ئۇ، تىبەتلەرنىڭ يېڭى دېھلىدىكى مىڭ كىشىلىك دىنىي پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە: ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا جۈملىدىن كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى بىر ئەپسۇسلىنارلىق يۈزلىنىش. چۈنكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشنى باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەن.
ھازىرغىچە راھىب، راھىبە ۋە ئاۋام خەلقلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن تىبەت پۇقراسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىگە كۆيدۈرگەن 80 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
لوبساڭ سانگاي ئىلگىرى تىبەتلەرنى بۇ يىللىق لوسار بايرىمىنى تەبرىكلىمەسلىككە چاقىرىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.