تىبەتتە ئىككى چوڭ خىتاي ئەمەلدارى ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاندى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىنيي ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن يېزى جۈمە كۈنى تىبەت خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

لېكىن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چىن يېزى لخاسا پارتىيە كومىتېتىدىكى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، ۋاڭ ۋە يېزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك 14‏ - مارت كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسادا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلانغان قوزغىلاڭ ئۇزۇن ئۆتمەي تىبەتنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى ھارپىسىدا لخاسادا باشلانغان قوزغىلاڭنى پىلانلىغان دەپ،تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسى داھىسى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئەيىبلىگەن. لېكىن دالاي لاما خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

جۈمە كۈنى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان چىن يېزى بولۇپمۇ ئولىمپىك مەشئەلنى لخاساغا يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى جەريانىدا دالاي لامانى قاتتىق ئەيىبلەپ ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى باياناتلار بەرگەن ئىدى.