ئۇنىڭدا تۆمۈر داۋامەتنىڭ 40 پارچىدىن ئارتۇق مەشھۇر شېئىر، ھۆسنى خەت ۋە رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.
خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى باۋدوڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 85 ياشلىق تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئەسەرلىرىدە، خىتاي بۇ رايوننى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پەيدا بولغان تەرەققىياتلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە شەخسەن ئۆزىنىڭ خىتاي ئەنئەنىسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن.
تۆمۈر داۋامەتنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشى ئادەتتە باشقىلارغا شىر يازغۇزۇپ ئېلان قىلىپ تۇرغان شائىر. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ قېتىم بۇ چالا ساۋات ئادەمنى مەشھۇر خەتتات ھەم مەشھۇر رەسسام دەپ يالغان خەۋەر ئېلان قىلغان.