تور ئابۇنىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مال باھاسىنى تىزگىنلەش چارىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى

خىتاي تور ئابۇنىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مال باھاسىنى تىزگىنلەشكە قارىتا ئالغان تەدبىرلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010.12.27

خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلىشقا باشلىغان. خىتاي مەركىزىي بانكىسى مال باھاسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن ئىدى.

يەكشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككىنچى قېتىم ئۆستۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ رادىئو نۇتقى سۆزلەپ، مال باھاسىنىڭ چوقۇم تىزگىنلىنىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، خىتايدىكى كۆپىنچە تور ئىشلەتكۈچىلەر توردا پىكىر بايان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مال باھاسىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتى. بىر تورداش " ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان قانداق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەش توختىتىلسۇن. بىزگە كېرىكى باھانىڭ تۆۋەنلىشى" دەپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.