تۈركىيە ناتوغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ جىددىي يىغىنىنى چاقىردى

جۈمە كۈنى تۈركىيىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى سۈرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن سۈرىيە كرىزىسىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى، يەنى تۈركىيە بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، سۈرىيىگە قانداق ھەرىكەت قوللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.06.24


ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى دەرھال شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، سۈرىيىگە قانداق چارە قوللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. سۈرىيە تۈركىيە ئايروپىلانىنى ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، سۈرىيە تەرەپ تۈركىيە ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيە تۇپرىقىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنقەرە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى ب دت باش كاتىپى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئۇقتۇرغان ئىدى.

نۆۋەتتە، تۈركىيىدە سۈرىيىگە زەربە بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە غۇلغۇلىلار كېتىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرەپمۇ سۈرىيىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ كىشى چىداپ تۇرالمايدىغان ئىش ئىكەنلىكى، سۈرىيىنىڭ بۇ قىلمىشقا مەسئۇل بولۇشىنى بىلدۈرۈپ، بدت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيىگە نىسبەتەن قاتتىق بېسىم كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.